Araştırma Makalesi
BibTex RIS Kaynak Göster

ئۇيغۇرچە –تۈركچە ماقال-تەمسىللەر توغرىسىدا سېلىشتۇرما تەتقىقات

Yıl 2018, Cilt: 2 Sayı: 1, 336 - 357, 20.06.2018
https://doi.org/10.30563/turklad.420655

Öz

ماقال-تەمسىللەر
مەيلى قايسى مىللەتكە تەۋە بولسۇن، ئوخشاشلا شۇمىللەت خەلقىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ
جەۋھىرى ۋە شۇ مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى.
ھەرقايسى مىللەت ماقال-تەمسىللىرىنىڭ شۇ مىللەت خەلقى ئارىسىغا كەڭ
تارقىلىپ،  ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ،
ئۇمۇميۈزلۈك ئىشىلتىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئۇنىڭ كەڭ ئەمگەكچى خەلق تۇرمۇشى ۋە
ئەمەلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى ۋە ئاساس قىلغانلىقىدىن باشقا يەنە مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇر،
تىلىنىڭ ئىخچام، ئوبرازلىق، يۈكسەك دەرىجىدە يېغىنچاق بولۇشى، ئىستىلىسىتىكىلىق
ۋاستىلەردىن ئۈنۈملۇك، جايىدا پايدىلىنىپ، خەلق ئېغىز تىلىغا تېخىمۇ
يېقىنلاشتۇرغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ماقال-تەمىسىللەردە تۈرلۈك
ئىسىتىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ئۇستىلىق بىلەن ئىشىلتىلىشى ماقال-تەمسىللەرنىڭ
مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.



ھەرقايسى
مىللەت ماقال-تەمسىللىرىدە
قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر بىر
تەرەپتىن ماقال-تەمسىللەرنىڭ تىل گۈزەللىكىنى ئاشۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن
مەزمۇنىنى تېخىمۇ ئېنىقلىققا، چۇڭقۇرلىققا ئىگە قىلغان. نەسىھەت تۈسىنى ئالغان
شۇنداقلا پەلسەپىۋىلىككە ئىگە بولغان چوڭقۇر پىكىرلەر ئۇستىلىق بىلەن ھەرخىل
ئىپادىلەش ۋاستىلىرى، يەنى يۇمۇرلۇق ۋە ئوبرازلىق تىلدىن پايدىلنىپ ئىپادىلەنگەن
بولۇپ،  كىشىگە چەكسىز گۈزەللىك تۇيغۇسى ۋە
ئىلھام بەخىش ئىتىدۇ.



مەزكۇر ماقالە  ، ئۇيغۇر
تىلىنىڭ ئىككى توملۇق ئىزاھلىق ماقال-تەمسىللىرى ۋە تۈرك تىلىنىڭ بىر توملۇق
ماقال-تەمسىللەر لۇغىتى،  شۇنداقلا
نەزەرىيىۋى تىلشۇناسلىق، ئىجتېمائىي تىلشۇناسلىق، 
ئىستىلىستىكا نەزەرىيلىرى ئاساس قىلىنىپ
.ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋە تۈرك تىلىدىكى ماقال-تەمسىللەر ۋە ئۇلارنىڭ مەزمۇن ۋە
شەكىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى ئىككى مىللەتنىڭ تاللانغان تىل ماتىرىياللىرى
ئاساسىدا چۇشەندۈرۈلۇپ سېلىشتۇرۇلدى

Kaynakça

  • ئابدۇرۇپ پۇلات : ”ئۇيغۇر تىلىدىكى ماقال-تەمسىل ۋە ھىكمەتلىك سۆزلەر توغرىسىدا“، 《تىل ۋە تەرجىمە ژورنىلى 》1994-4-سان
  • ئابلەت نىياز تەرجىمىسى : ”ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللەردىكى مىللىي ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنىڭ پرويېكسىيىسى“《، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى》، 1986-يىللىق 1-سانى .
  • ئابدۇروسول قادىر:” ئۇيغۇرخەلق ماقال-تەمسىللەردىكى پەلسەپىۋى پىكىرلەر “《، شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى》، 1987-يىللىق 2-سان.
  • ئەكبەر قادىر: ”ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىنىڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىكى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە“《، شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى》، 2002-يىللىق4-سان.
  • پەرھات ئابدۇلئىەھەت: ”ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋاقىت قاراشلىرى توغرىسىدا“《، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى》، 2007-يىللىق 2-سانى.
  • پەرىدە مالىك:” ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىكى تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ ئىستىلىستىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە “《تىل ۋە تەرجىمە ژورنىلى》 2001-يىللىق3-سان.
  • تاھىر قاسىم:” ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىنىڭ رولى ۋە تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا “《شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلار تەتقىقاتى ژورنىلى 》
  • كۈرەش مەھمۇتجان رەئىسى قاتارلىقلار: 《ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى》،2003-يىللىق 4-ئاي 1-نەشىرى 314-بەت.
  • غىلاجىدىن ئوسمان: 《تۈركچە_ئۇيغۇرچە_قازاقچە ئىزاھلىق ماقال-تەمسىللەر》،《تىل ۋە تەرجىمە》ژورنىلى 1989-يىللىق 3-سان 18-بەت.
  • قاۋسىلقان قامىجان: “ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى توغرىسىدا“،《مىراس》ژورنىلى، 1994-يىللىق 2-سان 3-بەت.
  • YAYLAGÜL, Ö. (2010). Divânü Lugât'it Türk'te Yer Alan Atasözlerindeki Metaforlar. Millî Folklor, Y. 22, S.85, s. 112-121.
  • SARAÇBAŞI, M. E.- MİNNETOĞLU, İ. (2002). Örnekli ve Açıklamalı Türk Atasözleri Sözlüğü. İstanbul: Bilge Kültür Sanat.
  • http:/www.ottomansouvenir.com/Turkish – Proverbs/ Ottoman souvenir
  • Metin,Y.( 1993) A Dictionary of Turkish Proverbs,İstanbul :Millet Publishing Ltd; illustrated edition, s. Ⅳ.
  • 王鸿雁,阿不都外力,“维汉谚语形式对比分析“,《中央民族大学学报》,2005年第4期,第115页
  • 将磊,《英汉习语的文化关照与对比》 ,武汉大学出版社,2000.12。
Toplam 16 adet kaynakça vardır.

Ayrıntılar

Birincil Dil Türkçe
Konular Dilbilim
Bölüm Araştırma Makalesi
Yazarlar

Zulhecce Abdureşit 0000-0003-1573-8879

Yayımlanma Tarihi 20 Haziran 2018
Gönderilme Tarihi 3 Mayıs 2018
Yayımlandığı Sayı Yıl 2018 Cilt: 2 Sayı: 1

Kaynak Göster

APA Abdureşit, Z. (2018). ئۇيغۇرچە –تۈركچە ماقال-تەمسىللەر توغرىسىدا سېلىشتۇرما تەتقىقات. Uluslararası Türk Lehçe Araştırmaları Dergisi (TÜRKLAD), 2(1), 336-357. https://doi.org/10.30563/turklad.420655

LİSANS

TÜRKLAD'ın içeriği Creative Commons Atıf-Gayriticari 4.0 Uluslararası Lisansı ile lisanslanmıştır.   E-ISSN: 2587-1293

Fırat Üniversitesi İnsani ve Sosyal Bilimler Fakültesi, Türk Dili ve Edebiyatı Bölümü – Çağdaş Türk Lehçeleri ve Edebiyatları Bölümü, Rektörlük Yerleşkesi ELAZIĞ-TÜRKİYE / Telefon: +90 424 237 00 00 – 3525 / 3637; Belgeç: +90 424 233 00 62; elmek: uluturklad@gmail.com

13220  13225 13228 13230 13231 13234 13239 13241132411323813235132271438414444  16761